دۇستۇم: بۇ يەرگە ئۆزىڭىز خالىغان مەزمۇننى يازسىڭىز بولىدۇ. شۇنداقلا ئۆزىڭىز يازغان مەزمۇنى مەلۇم تور بېتىگە ئۇلىنىش قىلالايسىز.

ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن مۇئەللىم بىلوگى قۇرۇلغىلى
  • مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىرقچىلىققا قارشى ئەڭ گۈزەل سۆزلىرى بولغان مەشھۇر ۋىدا خۇتبىسىدىن خەۋىرى يوقلار بولمىسا كېرەك. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى خۇتبىسىدە نېمىلەرنى ئېيتقانلىقىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟

    بىر جۈمە كۈنى مەدىنە يولىدا

    بىر جۇپ كەپتەر ۋە ئۆمۈچۈك تورى... ئۆلۈم بىلەن ئوتتۇرىسىدا بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە بولمىغان، دۈشمەنلىرى بىلەن بۇرنى بۇرنىغا تېگىپ قالغۇدەك ھالغا كېلىپ قالغىنىدا دوستىغا «قورقما، بىز بىلەن بىللىدۇر» دەپ تەسەللى بەرگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز، چۆللۈكنىڭ مۇشەققەتكە تولغان يوللىرىدا سۇراقەنىڭ تەھدىتلىرىگە، يولنىڭ قېيىنچىلىقلىرىغا بويۇن ئەگمەستىن 622- يىلى 24- سېنتەبىردە، ئەسھابىلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشلىرى ئارقىسىدا قۇبا مەسجىدىگە كىردى.

    قۇبا يېزىسىدا تۆت كۈن تۇرۇپ قالغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ يەرگە ئىسلامنىڭ تۇنجى مەسجىدىنى، تەقۋالىق ئۈستىگە بىنا قىلىنغان قۇبا مەسجىدىنى سالدى. جۈمە كۈنى بولغاندا مەدىنىگە قاراپ يولغا چىقتى.

    ئەسھابى كىراملار قىلىچلىرىنى ئېسىۋېلىشقان ھالدا پەيغەمبىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئىلگىرلىمەكتە، مەدىنىگە بارىدىغان يولنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىدە توپلىشىۋالغان كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرىگە سالام بېرىشمەكتە، ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈلىرىنى ئىپادىلەشكە، ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىش تەشنالىقلىرىنى قاندۇرۇشقا تىرىشماقتا ئىدى. رانۇنە ۋادىسىغا كېلىشكىنىدە پىشىن ۋاقتى بولغان ئىدى.

    يېرىم خورما بىلەن بولسىمۇ...

    پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام، سالىم ئىبنى ئەۋف ئوغۇللىرى تۇرىدىغان بۇ ۋادىدا تۇنجى جۈمە نامىزىنى ئوقۇدى. رەسۇلى ئەكرەم بۇ تۇنجى جۈمە نامىزىنىڭ خۇتبىسىدە مۇنداق دېدى:

    «ئەي ئىنسانلار! سالامەت چېغىڭلاردا ئاخىرەت ئۈچۈن تەييارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى قىيامەت كۈنىدە، ھەممە كىشى قىلغان ئىشىدىن ھېسابقا تارتىلىدۇ. سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلار چوبانسىز قويۇپ بەرگەن قويلىرىدىن سوراققا تارتىلىدۇ. ئاندىن پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا تەرجىمانسىز ۋە ۋاسىتىسىز ھالدا مۇنداق دەيدۇ:

    ‹سېنىڭ قېشىڭغا پەيغەمبىرىم كېلىپ، ئەمىرلىرىمنى يەتكۈزمىدىمۇ؟ مەن ساڭا مال – مۈلۈك بەردىم، ناھايىتى كۆپ ياخشىلىق قىلدىم. ئەمدى سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئاخىرەت ئۇزۇقى سۈپىتىدە نېمە ئېلىپ كەلدىڭ؟› بۇ سوئاللارغا دۈچ كەلگەن كىشى ئوڭ – سولىغا قارايدۇ، لېكىن ھېچبىر نەرسە كۆرەلمەيدۇ. ئالدىغا قارىغىنىدا بولسا، جەھەننەمنى كۆرىدۇ. شۇنداقكەن، يېرىم خورما بىلەن بولسىمۇ جەھەننەمدىن قورتۇلۇشقا تىرىشىڭلار، ئۇنىمۇ تاپالمىغان كىشى ياخشى بىر سۆز بىلەن بولسىمۇ ئۆزىنى قوتقۇزۇشقا تىرىشسۇن. چۈنكى بىر خەير ئۈچۈن ئون ھەسسىدىن تارتىپ يەتتە يۈز ھەسسىگىچە ساۋاب بېرىلىدۇ. ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سىلەرگە بولسۇن.»

    سۆزلەرنىڭ ئەڭ گۈزىلى

    ئاللاھنىڭ رەسۇلى بۇ بىرىنچى خۇتبىسىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، قايتىدىن ئورنىدىن تۇردى ۋە ئىككىنچى خۇتبىسىنى ئوقۇدى:

    «ئاللاھقا ھەمدۇ بولسۇن. ئۇنىڭغا ھەمدۇ ئېيتىمەن ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم سورايمەن. نەپىسلىرىمىزنىڭ شەررىدىن ۋە يامان ئەمەللىرىمىزدىن ئاللاھقا سېغىنىمىز. ئاللاھ توغرا يولنى كۆرسەتكەن، ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ. ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم توغرا يولغا يېتەكلىيەلمەيدۇ. گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق. ئۇ بىردۇر، ئۇنىڭ تەڭ – تۈشى ۋە ئوخشىشى يوقتۇر. سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر. ئاللاھ جەللە كىمنىڭ قەلبىنى قۇرئان بىلەن زىننەتلىسە، ئۇنى كاپىر بولسا ئىسلامغا كىرگۈزىدۇ. ئۇ كىشىمۇ قۇرئاننى باشقا بارلىق سۆزلەردىن يۇقىرى ئورۇندا قويسا قۇتۇلىدۇ.

    ئاللاھنى پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن ياخشى كۆرۈڭلار

    ياخشى بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ كىتابى سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ۋە ئەڭ ئۇستۇنىدۇر. ئاللاھ ياخشى كۆرگەننى ياخشى كۆرۈڭلار! ئاللاھنى پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن ياخشى كۆرۈڭلار! ئاللاھنىڭ كالامىدىن ۋە ئۇنى ئوقۇشتىن زېرىكىپ قالماڭلار. ئاللاھنىڭ كالامىدىن قەلبىڭلارغا بىر قارىلىق كەلمىسۇن.

    چۈنكى ئاللاھنىڭ كالامى، ئاللاھ ياراتقان ھەممە نەرسىنىڭ ئەڭ يۇقىرىسىنى ئايرىپ تاللايدۇ، ئەمەللەرنىڭ ياخشىسىنى ۋە بەندىلىرىنىڭ تاللانغىنى بولغان پەيغەمبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىدۇ. ھالال ۋە ھارامنى بىلدۈرىدۇ. سىلەر يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ھېچبىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار. شېرىكتىن ھەقىقىي رەۋىشتە يىراق تۇرۇڭلار.

    سۆزلىرىڭلار، ئاللاھقا سۆزلەنگەن گۈزەل سۆزلەر بولسۇن ۋە ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ كالامى بىلەن ياخشى كۆرۈشۈڭلار. ياخشى بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئەھدىگە رىئايە قىلمىغانلارغا، ۋەدىسىدە تۇرمىغانلارغا غەزەپ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ سالامى سىلەرگە بولسۇن.»

    پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، جۈمە نامىزىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ھەقىقەت ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان يېڭى بىر دۇنيا قۇرۇش مەقسىتىدە مەدىنىگە قاراپ يولغا چىقتى.

    مەنبە: «مىللىي گازەتە»

    بۇ ماقالە ئا.قارلۇقىي تەرىپىدىن  «ئۇيغۇرئونلاين.نت» تور بېتى ئۈچۈن تۈركچىدىن تەرجىمە قىلىندى.

  •  

    سۇئال:

    ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دېيىلگەن «جانابى ئاللاھ ھەر كۈنى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا زېمىن ئاسمىنىغا چۈشىدۇ»، كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىر قىسمى قاچان باشلىنىپ، قايسى ۋاقىتتا ئاخىرلىشىدۇ؟ كېچە ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردە ئاللاھنىڭ زېمىن ئاسمىنىغا بىر ۋاقىتتا چۈشىشىنى قانداق چۈشىنىمىز؟ .

    جاۋاپ:

    جانابى ئاللاھنىڭ بىرىنچى قەۋەت ئاسمانغا چۈشىشى توغرىسىدا كۆپلىگەن ھەدىسلەر زىكىر قىلىنغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇھەقتە مۇنداق دېگەن: «پەرۋەردىگارىمىز ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچىنچى قىسمىدا زېمىن ئاسمىنىغا چۈشۈپ، كىمكى ماڭا دۇئا قىلىدىكەن ئىجابەت قىلىمەن، كىمكى مەندىن بىرنەرسە تەلەپ قىلسا بىرىمەن، كىمكى مەغپىرەت تەلەپ قىلسا گۇناھىنى كەچۈرىمەن، دەيدۇ .» ھەدىس شەرىپ.

    ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئالىملىرى جانابى ئاللاھنىڭ كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچىنچى قىسمىدا زېمىن ئاسمىنىغا ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە چۈشىدىغانلىقى، زېمىنغا چۈشۈش شەكلى ۋە سۈپىتىنىڭ ھېچقانداق نەرسىگە ئوخشىمايدىغانلىقى توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەن. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى، ئۇ، ئاللاھ  بىردۇر. ھەممە ئاللاھقا مۇھتاجدۇر. ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس . ھېچكىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ». [ سۈرە ئىخلاس ].

    يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېگەن: «ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغىچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغىچىدۇر». [شۇرا سۈرىسى 11- ئايەت]. ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە مەزھىبىدىكىلەرنىڭ كۆز قارىشىدا، ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەردە زىكىر قىلىنغان گۈزەل ئىسىم ئالىي سۈپەتلىرىنى

     

  •  

    سوئال:

    "ئەقىدە تاھاۋىيە" دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭدىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟. بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    جاۋاب:

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

    "ئەقىدە تاھاۋىيە" ئەسەر ئىمام تاھاۋىي يازغان ۋە ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىلگەن ئەقىدىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب بولۇپ، بۇ ئەسەر توغرىسىدا تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن بىرقانچە تەرەپتىن قاراپ چېقىشقا توغرا كېلىدۇ:

    1- مەزكۇر كىتابنىڭ مۇئەللىپى ھەدىس ۋە پىقھى ئىلىملىرىدە كامالەتكە يەتكەن، ئۆز زامانىدا ئىلمى ساھەدە چاقنىغان يۇلتۇز ئەبۇ جەئپەر ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى سەلامە ئەتتەھاۋىي. "تەھاۋىي" مىسىرنىڭ سەئىد ۋىلايىتىدىكى بىر كەنىتنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئىمامنىڭ ئىسمىگە نىسبەت بېرىلگەن. ئۇ كۆپ ئۇستازلاردىن تەلىم ئالغان ۋە پايدىلانغان. ئىمام تەلىم ئالغان ئۇستازلارنىڭ سانى ئۈچ يۈزگە يەتكەن. ئۇ كىشى ھىجىريىنىڭ 321-يىلى ۋاپات بولغان بولۇپ، مىسىرنىڭ قۇراپە دېگەن يېرىگە دەپنە قىلىنغان.

    كۆپچىلىك ئالىملار ئىمام تەھاۋىنى ماختىغان:

    شەيخ ئىبنى يۇنۇس مۇنداق دېگەن: «تاھاۋىي ئىشەنچىلىك، مۇستەھكەم، پىقھى بىلىملىرىگە كامىل، ئەقىللىك كىشى بولۇپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوخشىشى بولمىغان».

    ئىمام زەھەبىي مۇنداق دېگەن: «تاھاۋىي پىھقى-ھەدىس بىلىملىرىدە كامالەتكە يەتكەن مەشھۇر ئالىملارنىڭ بىرى ھەم  ئىشەنچىلىك، ئەقىللىك كىشى ئىدى».

    ئىمام ئىبنى كەسىر مۇنداق دېگەن: « ئۇ ئىشەنچىلىك، قەتئىي، ئېسىدە تۇتۇش قابىلىيىتى يۇقىرى كىشى ئىدى».

     

  • سوئال:

    جانابى ئاللاھنى ئاسماندا دەپ ئېتىقات قىلىشنىڭ مەنىسى ئاللاھنىڭ ئەرشى يەتتىنچى قەۋەت ئاسماننىڭ ئۈستىدە دېگەنلىكنى بىلدۈرەمدۇ ؟

    جاۋاپ:

    بارچە ھەمدۇ-سانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن.

    ئاللاھنىڭ ئەرشى يەتتىنچى قەۋەت ئاسماننىڭ ئۈستىدىدۇر. ئەرش بولسا مەخلۇقاتلارنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە  مەخلۇقدۇر.

    بۇ توغرىسىدا بۇخارىيدا رىۋايەت قىلىنغان(2581)- ھەدىسدە، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەتتە يۈز مەرتىۋە باردۇر، جانابى ئاللاھ، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچى مۇجاھىدلار ئۈچۈن بۇ مەرتىۋىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن جاي تەييارلىدى، ئۇ مەرتىۋىنىڭ دەرىجىسى ئاسمان-زېمىن ئارىلىقىدەك بۈيۈكتۇر. ئەگەر سىلەر جانابى ئاللاھدىن جەننەتنى تەلەپ قىلساڭلار پىردەۋس جەننىتىنى تەلەپ قىلىڭلار، چۈنكى ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسى بولۇپ، ھەممىدىن ئالى دەرىجىلىك جەننەت سانىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە جانابى ئاللاھنىڭ ئەرشى قارار ئالغان، پىردەۋس جەننىتى، جەننەت ئۆستەڭلىرىنىڭ مەنبىئىدۇر». بارلىق مۇسۇلمانلار جەننەت يەتتىنچى قەۋەت ئاسماننىڭ ئۈستىدە دەپ ئېتىقات قىلىدۇ. ئەرش جەننەتنىڭ ئۇستىدە دەپ ئېتىقات قىلىشىمىز، ئاللاھنىڭ ئەرشىنىڭ يەتتىنچى قەۋەت ئاسماننىڭ ئۈستىدە دېگەنلىكىمىزنى ئىپادىلەيدۇ. يۇقىرىدىكى سۆزلىرىمىزنى سەھىھ مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغان 4136- ھەدىستە ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا يەتكۈزگەن ھەدىس بىلەن ئىسپاتلايمىز. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: "جانابى ئاللاھ ئەگەر بىرنەرسىنى خالىسا ئاشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئۇ نەرسە بەجا كەلتۈرۈلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەرشىنى كۆتۈرۈپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر ئۇ زاتقا تەسبىھ ئېيتىدۇ. ئۇلاردىن كېيىن ئاسمان ئەھلى تەسبىھ ئېتىدۇ، ئۇلاردىن كېيىن باشقىلار تەسبىھ ئېتىدۇ. تەسبىھ ئاخىرى زېمىننىڭ ئاسمىنىدىكىلەرگە يېتىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەرشىنى كۆتۈرۈپ تۇرغۇچىلارغا، ئۇلاردىن كېيىنكىلەر پەرۋەردىگارىڭلار نېمە دېدى؟ دەپ سورىشىدۇ. ئۇلار جانابى ئاللاھنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلىدۇ، ئاسمانلاردىكى پەرىشتىلەر باشقا پەرىشتىلەرگە خەۋەر قىلىش ئارقىلىق ئۇ

  • 26830- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    مەن ئائىلە باشلىقى، رامىزان ئېيى كېلىۋاتىدۇ، رامىزان ئېيىدا ئائىلەمدىكى كىشىلەرنى تەربىيىلەش ۋە ئۇلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك ئىشلىرىدا روزىنىڭ تەربىۋى ئەھمىيىتىدىن قانداق پايدىلىنىمەن، بۇ توغرىدا يوليورۇق بەرسەڭلار؟

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.

    مۇسۇلمان كىشىنىڭ  رامىزان ئېيىغا ئۇلىشىپ  بۇ ئايدا روزا تۇتۇپ، تەراۋىھ نامازلىرىنى ئوقۇشى بۇ ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان بۈيۈك نېمەتلىرىدىن، بۇ ئايدا قىلغان ياخشىلىق نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ، دەرىجىلەر يۇقىرى بولىدۇ، ئاللاھ دوزاخ ئەھلىدىن نۇرغۇنلىرىنى ئازات قىلىدۇ، مۇسۇلمان كىشى بۇ ئايدا ئۆزىگە ياخشىلىق بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئادەتلىنىشى، ئاللاھغا تائەت - ئىبادەت قىلىشقا ئالدىرىشى كېرەك، چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر كېسەللىك ياكى توغرا يول تاپالماسلىق ياكى بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كېتىش سەۋەپتىن بۇ ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم قالىدۇ.

    مۇسۇلمان مۇشۇ مۇبارەك ئاينى غەنىمەت بىلىپ ياخشى ئىشلارغا ئالدىرىشى، ئائىلە - بالىلىرىنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىشى، ئۇلارنى ياخشى ئىشلارغا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلىقنى سۆيىدىغان روھ بىلەن تەربىيىلىشى كېرەك، چۈنكى پەرزەنت دېگەن ئاتا - ئانا نېمىگە ئادەتلەندۈرسە، قايسى كۆز قاراش بىلەن تەربىيىلىسە شۇنداق ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. بىر شائىرنىڭ ئېيتقىنىدەك:  بىزنىڭ ئېچىمىزدىكى ياشلار  دادىسىنىڭ ئادەتلىرى بىلەن ئۆسۈپ يېتىلدى.

    ئاتا- ئانىلار مۇشۇ بەرىكەتلىك كۈنلەرنى غەنىمەت بىلىپ، ئۆزى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ روھانى ۋە  ئەخلاقى تەرەپلىرىنى ساغلام كۆز قاراش بىلەن توغرىغا يېتەكلەشتە مۇھىم رول ئوينىشى كېرەك، بىز ئۇلارغا مۇنداق نەسىھەت قىلىمىز:

    1-  بالىلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئىلىپ ئۇلارنى بۇ ئايدا تولۇق روزا تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.

    2-  پەرزەنتلەرگە روزا تۇتۇشنىڭ پەقەت بىركۈن يېمەك - ئىچمەكتىن توختاش ئەمەس بەلكى بۇنىڭ ماھىيىتىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بوي سۇنۇپ تەقۋالىقنى ھاسىل قىلىشنىڭ يولى ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خاتالىقلار كەچۈرۈم قىلىنىپ گۇناھلار مەغپىرەت قىلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.

    ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە: بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنبەرگە چىقىپ ئۈچ قېتىم "ئامىن" دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: يا رەسۇلۇللاھ نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيلا؟ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: جىبرىل

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم : 
                           
                             مەن يېڭىدىن نامازنى باشلىغان بولغاچقا 5ۋاق نامازنىڭ ئوقۇلۇش ئۇسۇللىرىنى كىتاپلاردىن ئۈگەندىم ۋە ئۈگۈنىۋاتىمەن ،لىكىن مۇشۇ جۈمە نامىزىنى ئوقۇشقا كەلگەندا شۇنچە ئىزدىنىپمۇ ، قانداق ئوقۇش قايسى ئايەتلەرنى ئوقۇش ، باشقا نامازلاردىن پەرقى قاتارلىق جەھەتلەردە قانائەتلەنگۈدەك بىر تەپسىلىي قوللانمىغا ئىرىشەلمىدىم . پەقەت مانچە رەكەت سۈننەت نامىزى ، مانچە رەكەت پەرىز نامىزى ، مانچە رەكەت مەسچىت ھەققى نامىزى دىگەندەك يۈزەكى تونۇشتۇرۇشلارلا باركەن ، مەن يۇقۇردا يارىدەم سورىغان ئىشلار بەلكىم ناماز ئوقۇش تارىخى ئۇزۇنلارغا بەكلا ئاددى بىلىنەر لىكىن مەندەك يېڭى ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئۇنداق ئاددى ئەمەس ، ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر ئائىلىدە ناماز ئوقۇيدىغان چوڭلار ئاز بولغانلىقتىن مەندەك نۇرغۇن يېىڭىدىن نامازغا كىرىشكەنلەر بەزى ئىشلارنى چوڭلاردىن سوراپ بىلىۋىلىش ئىمكانىيتى يوق دىيەرلىك ، شۇڭا تەپسىيلىراق چۈشەنچە بەرسەڭلار . رەھمەت . 
    (بىلىپ ئوقۇيدىغانلار كۈپەيگەندە ئالدىدىكىلەرگە قاراپ ھەركەتنى دوراپ «ناماز ئوقۇش»لار ئازلايدۇ )شۇڭا ئىسلامنى تەشۋىق قىلىش، كىشىلەرنى ھىدايەتكە چاقىرىش ئۈچۈن  ئەڭ ئاۋال ئىسلامنىڭ جان تومۇرى بولغان نامازنىڭ ئوقۇلىشىنىڭ ئۆلچەملىك تەپسىيلى قائىدىللىرىنى كۆپىرەك تەشۋىق قىلساق ، ناماز ئوقۇشنى نىيەت قىلىپمۇ قانداق ئوقۇشنى بىلەلمەي يۈرگەنلەرگە يارىدەم قىلايلى 

    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ،ئاللاھ سىزگە ساغلام ئىمان ئاتا قىلسۇن،
    جاۋاب:جۈمە نامىزى 
    جۈمە نامىزى ۋە ئۇنى ئادا قىلىش قائىدىلىرى
            سوئال: جۈمە نامىزى قانداق ناماز؟
                    جاۋاب: جۈمە نامىزى - ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنىدە پېشىن ۋاقتىدا جامائەت بولۇپ ئوقۇلىدىغان ناماز بولۇپ، كىشىلەر بىر يەرگە توپلىنىپ ئوقۇلىدىغان ناماز بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن«جۈمە» ئەسلىسى «جۇمۇئە» يەنى (توپلىنىش، جەم بولۇش) دەپ ئاتالغان

     

  •  سۇئال:

    سىلەر نىمىشقا ھەقىقەتتىن يىراقلىشىسىلەر ؟ ھەمدە ئەيسانى ئاللاھنىڭ ئوغلى سۈپىتىدە قارىماستىن ، ئۇنى پەقەت بىر ئەلچى دەيسىلەر ؟ ئەيسا بولسا بىردىنبىر پەرۋەردىگارنىڭ ئوغلى ، مانا بۇ ھەقىقەت !!

    جاۋاپ:

    مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .

    بىزنىڭ ئىلگىركى ئوخشاش بولمىغان ئىتىقاد ۋە قاراشلىرىمىز قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ، سىزنىڭ بىزگە ھەممەيلەن بىلىشكە ۋە ئەگىشىشكە مۇھتاج بولىدىغان ھەقىيقەتنى مۇزاكىرە قىلىشىمىز ئۈچۈن ، ئۆزئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشىمىزغا پۇرسەت بەرگىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت . پەقەت مۇشۇنىڭ بىلەنلا ، يەنى ھەقىيقەتنى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىش بىلەنلا ، بىز ئۆزىمىزنى خاتالىقلىرىمىزدىن ئازاد قىلالايمىز ، خۇددى سىلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابىڭلاردا دىيىلگەندەك : « ھەمدە سىلەر ھەقىيقەتنى تونۇيسىلەر ، ھەمدە ھەقىيقەت سىلەرنى ئازاد قىلىدۇ .» [ يۇھەننا 8 : 32 ، يىڭى خەلىقئارا نەشىرى  ]

    شۇڭا ئۆزىمىزنى بىردەم توختۇتۇپ ، بۇ ھەقىيقەت توغىرسىدا ئويلىنايلى ،خۇددى سىلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابىڭلاردا دىيىلگەندەك ، گەرچە ئۇنىڭدا بارلىق بۇرمىلاشلار ۋە ئۆزگەرتىشلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ . !!

     

    مەسىيھ ( ئۇنىڭغا ئامانلىق بولسۇن) ئىلىپ كەلگەن دەۋەت بولسا مەسىيھنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە دۇنيالارنىڭ پەرۋەردىگارى يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش :

    « ئەمدى بۇ بولسا مەڭگۈلۈك ھايات ؛ ئۇلار سىنى تونۇشى كىرەك : سەن بىردىنبىر ھەقىيقى ئىلاھ ، ھەمدە مەسىيھ بولسا ئۇنى سەن ئەۋەتكەن .» [ يۇھەننا 3 : 17 ،]

    « مەلۇم بىر باشلىق ئۇنىڭدىن سورىدى : " ئى ياخشى مۇئەللىم ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن نىمە قىلىشىم كىرەك ؟ "

    « سەن نىمىشقا مىنى ياخشى دەپ چاقىرىسەن ؟ ؛ بىرەيلەندىن باشقا ھىچكىم ياخشى ئەمەس ؛ ئۇ بولسا ئاللاھ » دىدى ، ئۇنىڭغا ئەيسا .

    [ لۇقا 18: 18-19 ، ( نىۋ) ]

    « ئىبلىس ئۇنى ئىگىز جايغا باشلاپ باردى ھەمدە ئۇنىڭغا دۇنيا پادىشاھلىقىنىڭ ھەممىسىنى بىردەمدە كۆرسەتتى . ھەمدە ئۇ ئۇنىڭغا : " مەن ساڭا ئۇلارنىڭ بارلىق سەلتەنىتىنى ھەمدە شانۇ-شەۋكىتىنى بىرىمەن . چۈنكى ئۇ ماڭا بىرىلگەن ،

  •  مەن غەربتە ياشايمەن، مۇسۇلمان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدىم. يىگىتلىك چېغىمدىن باشلاپ ئىسلامىي دەۋەت يولىدا ئاكتىپ  بولۇپ كېلىۋاتىمەن. ھەتتا بەزى چاغلاردا غەپلەتتە تۇرىۋاتقانلارغا ھەيران بولۇپ، «بۇلار ناماز  ئوقۇماي قانداق ئۇخلايدىغاندۇ»دەيتتىم. يېشىم چوڭايغانسېرى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتتىم. ئاللاھقا بولغان ئىمانىمغا شەك ئارىلىشىپ كەتتى. ئۆزۈمنى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇناپىق دەپ سانايمەن. مەن ئاياللاردىن يىراق تۇرىمەن. ئەمما يالىڭاچ رەسىملەرنى كۆرۈشتىن ھايا قىلمايمەن. ئۆزۈمنى بۇئىشتىن ئۇزاقلاشتۇرۇشقا تىرىشىمەنۇ لېكىن كېچىكىپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلىمەن. ئاخىرىدا بۇ ئىشنىڭ ئېزىپ كېتىشىمنىڭ سەۋەبىلىردىن بىر سەۋەب، ئەمما ئەسلى ئىمانىم بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىنى بىلىمەن. بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزۈمنى ساراڭدەك ھېس قىلىمەن، ئۆزۈمدە ئاللاھ توغرۇلۇق خاتا پىكىر بارلىقىنى ھېس قىلىمەن. مەن نەدىن كەلدىم؟ گوياكى مەن ئىمان بىلەن ئىمانسىزلىق ئوتتۇرىسىدىكى جەڭدىمەن.

    ناماز بىلەن باشقا ئىبادەتلەرنى تاشلىماي ئادا قىلىپ تۇرغىنىم بىلەن بۇ ئىبادەتلەر ماڭا پايدا بەرمىگەندەك قىلىدۇ. سىز مېنى كۆرگىنىڭىزدە، شەكىل، گەپ - سۆز ۋە مەسجىدلەرگە بېرىشتا  دىنىغا مەھكەم بىرى دەپ ئويلايسىز. لېكىن مەن ھەقىقىي مۇناپىقمەن. بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. بۇ ھالەتكە داۋام قىلىشنى خالىمايمەن. سىزنىڭ« ئىماننىڭ ئاجىزلىقىنىڭ سەۋەبلىرى»ناملىق ئەسىرىڭىزنى ئوقۇدۇم. بۇ كىتاب ماڭا

     

     

    قارىتىپ يېزىلغان ئوخشايدۇ دەپ قالدىم. شۇنداقتىمۇ مېنىڭ بۇ مۇشكىلەمنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس جاۋاب ئىزدەيمەن.

    جاۋاب:

    1-ئى مۇسۇلمان بۇرادىرىم! بەندىنىڭ ئىشىنىڭ تۇتقىسى ئۇنىڭ دىنىدۇر. ئاللاھ ئۇنىڭ -دىنىنى ساقلىغان بولسا ئۇنىڭ دۇنيادىن قولدىن بەرگەنلىرىنىڭ ئىمانىغا زىيىنى يوق. ئاللاھ تائالا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئىگىسى ۋە قەلبلەرنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلغۇچىدۇر. ئۇ ئۆزى يالغۇزلا قەلبلەرنى سابىت قىلىدۇ ۋە ۋە ئىمانغا باغلايدۇ. شۇڭا سىزگە نەسىھەت قىلىمەنكى،

ھازىر كۈرىۋاتقانلار: online counter ئادەم بار
IPئادرىسى:
قېتىم زىيارەت قىلىندى
گۈزەللەشتۈگۈچى: مۇئەللىم |ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | ئېلان-ھەمكارلىق |